دەرد كەلگەندە جان دوست ۋاجىپ دەرد كەلگەندە جان دوست ۋاجىپ، قاچار بىزدىن باھانە ئىزدەپ ئامەت قۇچساق ياندا ئۇ، ھەي ھەي پەرۋانە چەت ياقلاردا جان دوست ئالجىپ. ساتار بىزنى غەيۋانە سۆزلەپ مەنسەپ تۇتساق ياندا ئۇ، ھەي ھەي خۇشامەت ھوشىيار بولماق بىزگە ھەي، ئىنسان قەلبى بەكمۇ نازۇك، گەرچە ناھەق خورلانسا بۇ جان، يامانلارغا نەپرەتلىك، ھەي ھەي ئاشكارە كۈرەش ئىچىدە يەتسە ھاردۇق، ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي پىنھان دانىشمەن بول غەيرەتلىك، ھەي ھەي ھۇشيارە سەۋرىچان بولماق لازىم بىزگە ھەي جان بولساقمۇ بىزلەر ئاجىز، قاينام ئۆركىشى بولماق ئارزۇ داۋاملاردا ئىھام بەر، ھەي ھەي ئىلاھىم داغ ئەمەستۇر بولماق قاپىز، نىشان ئەمەس ھەم شۆھرەت ئابروي ھايۋانلاردىن پەرق ئەت، ھەي ھەي ۋىزدانىم مەردانە بولماق لازىم بىزگە، ھەي ھەي.Наполни Махаббатыңның бір ұшқыны менің, жан-дүниеме тиді O'na Değer Vermedik أبى الملك 무화과 나뭇잎이 Есть план, что Бог желает совершить Dedicato a te Будь медлен на слова мой брат پاتشا اعزام We Will Run
Song not available - connect to internet to try again?